Ug

اَلنِّيَّةُ | Intentions

اَللَّهُمَّ إِنِّي نَوَيْتُ بِالصَّلَوٰةِ عَلَى النَّبِيِّ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ امْتِثَالاً لِّأَمْرِكَ وَتَصْدِيقًا لِنَبِيِّكَ مُحَمَّدٍ صَلَّى اللَّهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ وَمَحَبَّةً فِيهِ وَشَوْقًا إِلَيْهِ وَتَعْظِيمًا لِّقَدْرِهِ وَلِكَوْنِهِ أَهْلاً لِّذَلِكَ
ئى ئاللاھ، مەن سېنىڭ ئەمرىڭگە بويسۇنۇش، پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنى تەستىقلاش، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببەت ۋە ئىشتىياق، ئۇنىڭ قەدرىنى ئۇلۇغلاش ھەمدە ئۇ زات شۇنىڭغا لايىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا دۇرۇت ئېيتىشقا نىيەت قىلدىم
فَتَقَبَّلْهَا مِنِّي بِفَضْلِكَ وَإِحْسَانِكَ وَأَزِلْ حِجَابَ الْغَفْلَةِ عَنْ قَلْبِي وَاجْعَلْنِي مِنْ عِبَادِكَ الصَّالِحِينَ.
بۇنى مەندىن ئۆز پەزلىڭ ۋە ئېھسانىڭ بىلەن قوبۇل ئەيلىگىن، قەلبىمدىن غەپلەت پەردىسىنى نېرى قىلغىن ۋە مېنى سالىھ بەندىلىرىڭ قاتارىدىن قىلغىن.
اَللَّهُمَّ زِدْهُ شَرَفًا عَلَىٰ شَرَفِهِ الَّذِيٓ أَوْلَيْتَهُ. وَعِزًّا عَلَىٰ عِزِّهِ الَّذِيٓ أَعْطَيْتَهُ.
ئى ئاللاھ، ئۇ زاتقا ئۆزۈڭ ئاتا قىلغان شەرەپ ئۈستىگە شەرەپ، ئۆزۈڭ بەرگەن ئىززەت ئۈستىگە ئىززەت زىيادە قىلغىن.
وَنُورًا عَلَىٰ نُورِهِ الَّذِي مِنْهُ خَلَقْتَهُ وَأَعْلِ مَقَامَهُ فِي مَقَامَاتِ الْمُرْسَلِينَ. وَدَرَجَتَهُ فِي دَرَجَاتِ النَّبِيئِينَ.
ئۇنىڭ سەن ئۇ زاتنى ياراتقان نۇرى ئۈستىگە نۇر قوشقىن، مەقامىنى ئەلچىلەر مەقاملىرى ئارىسىدا، دەرىجىسىنى پەيغەمبەرلەر دەرىجىلىرى ئارىسىدا يۇقىرى كۆتۈرگىن.
وَأَسْئَلُكَ رِضَاكَ وَرِضَاهُ يَا رَبَّ الْعَالَمِينَ. مَعَ الْعَافِيَةِ الدَّآئِمَةِ وَالْمَوْتِ عَلَى الْكِتَابِ وَالسُّنَّةِ وَالْجَمَاعَةِ وَكَلِمَتَيِ الشَّهَادَةِ عَلَىٰ تَحْقِيقِهَا مِنْ غَيْرِ تَبْدِيلٍ وَّلَا تَغْيِيرٍ.
ئى ئالەملەرنىڭ رەببى، سەندىن ئۆزۈڭنىڭ ۋە ئۇنىڭ رازىلىقىنى، دائىملىق ئامانلىق بىلەن بىللە كىتاب، سۈننەت، جامائەت ۋە شاھادەت كەلىمىسىنى ھېچبىر ئۆزگەرتمەستىن ھەقىقىي تەستىقلىغان ھالدا ۋاپات بولۇشنى سورايمەن.
وَاغْفِرْ لِي مَا ارْتَكَبْتُهُ بِفَضْلِكَ وَجُودِكَ وَكَرَمِكَ يَآ أَكْرَمَ الْأَكْرَمِينَ.
ئى كەرەملىكلەرنىڭ ئەڭ كەرەملىكى، سادىر قىلغان خاتالىقلىرىمنى ئۆز پەزلىڭ، سېخىيلىقىڭ ۋە كەرىمىڭ بىلەن مەغپىرەت قىلغىن.
وَصَلَّى اللَّهُ عَلَىٰ سَيِّدِنَا مُحَمَّدٍ خَاتَمِ النَّبِيِّينَ وَإِمَامِ الْمُرْسَلِينَ. وَعَلَىٰٓ ءَالِهِ وَصَحْبِهِ أَجْمَعِينَ. وَسَلَامٌ عَلَى الْمُرْسَلِينَ. وَالْحَمْدُ لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ.
ئاللاھنىڭ دۇرۇت-سالاملىرى سەردارىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى ۋە بارلىق ساھابىلىرىگە بولسۇن. ئەلچىلەرگە سالام ۋە ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا ھەمدىلەر بولسۇن.