بَحِبَّك وَ بَرِيْدَك
سېنى سۆيىمەن ۋە سېغىنىمەن
Ug
بَحِبَّك وَ بَرِيْدَك
وَاتْمَنَّى أَبُوس إِيدَك
سېنى سۆيىمەن ۋە ساڭا تەلپۈنىمەن،
مۇبارەك قولۇڭنى سۆيۈشنى ئارزۇ قىلىمەن
خَدَّامَك وَمُرِيدَك
يَا جَدَّ الْحَسَنَيْن
سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ۋە مۇرىدىڭمەن،
ئى ھەسەنەيننىڭ بوۋىسى
حَبِيْبِي مُحَمَّد
مَفِيشْ زَيُّه اتْنِين
سۆيۈملۈكۈم مۇھەممەد،
ئۇنىڭغا ئوخشاش يەنە بىرى يوقتۇر
حُبُّه سَاكِن قَلْبِي
يَزِيد كُلِّ اتْنَيْنِ
مۇھەببىتى قەلبىمدە ماكان تۇتتى،
ئۇ ھەر دەم تېخىمۇ زىيادە بولماقتا
جَمَالُه وَ دَلَالُه
مِتْغَطِي بْجَلَالُه
گۈزەللىكى ۋە لەرزان نازى،
ئۇلۇغلۇقى بىلەن ئورالغان
وَتِقْعُد قْبَالُه
تُشُوفْهُم الِاتْنَيْن
ئۇنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغىنىڭدا،
ھەر ئىككىسىنى بىرلا ۋاقىتتا كۆرىسەن
بَحِبَّك وَ بَرِيْدَك
وَاتْمَنَّى أَبُوس إِيدَك
سېنى سۆيىمەن ۋە ساڭا تەلپۈنىمەن،
مۇبارەك قولۇڭنى سۆيۈشنى ئارزۇ قىلىمەن
خَدَّامَك وَمُرِيدَك
يَا جَدَّ الْحَسَنَيْن
سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ۋە مۇرىدىڭمەن،
ئى ھەسەنەيننىڭ بوۋىسى
يَا أَجْمَل هَدِيَّة
مِنْ رَبِّ الْبَرِيَّة
ئەي ئەڭ گۈزەل ھەدىيە،
پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ رەببىدىن كەلگەن
لِكُلِّ الدُّنْيَا دِيَّا
يَا جَدَّ الْحَسَنَيْن
بۇ پۈتكۈل جاھان ئۈچۈندۇر،
ئى ھەسەنەيننىڭ بوۋىسى
مَاهْوِنْتَ قَمَرْهَا
وَانْتَ اللِّي مُنَوِرْهَا
چۈنكى سەن دۇنيانىڭ ئېيىدۇرسەن،
ئۇنى نۇرلاندۇرغۇچى سەن ئۆزۈڭدۇرسەن
وَمْفَتَاح اسَرَارْهَا
يَا جَدَّ الْحَسَنَيْن
ۋە ئۇنىڭ سىرلىرىنىڭ ئاچقۇچىدۇرسەن،
ئى ھەسەنەيننىڭ بوۋىسى
بَحِبَّك وَ بَرِيْدَك
وَاتْمَنَّى أَبُوس إِيدَك
سېنى سۆيىمەن ۋە ساڭا تەلپۈنىمەن،
مۇبارەك قولۇڭنى سۆيۈشنى ئارزۇ قىلىمەن
خَدَّامَك وَمُرِيدَك
يَا جَدَّ الْحَسَنَيْن
سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ۋە مۇرىدىڭمەن،
ئى ھەسەنەيننىڭ بوۋىسى
حَبِيبِي وَعْنَيَّا
أَحْمَد ضَيّ عْنَيَّا
سۆيۈملۈكۈم ۋە قاراچۇقۇم،
ئەھمەد كۆزۈمنىڭ نۇرىدۇر
أَنْتَ الْغَالِي عَلَيَّا
يَا جَدَّ الْحَسَنَيْن
سەن مەن ئۈچۈن ئەڭ قەدىرلىكسەن،
ئى ھەسەنەيننىڭ بوۋىسى
وَبِنْتَك الْبَتُول
يَا عُيُونَ الرَّسُول
ۋە سېنىڭ پاك قىزىڭ بەتۇل،
ئەي رەسۇلۇللاھنىڭ كۆز نۇرى
نَرْجُو مِنْكُم قَبُول
يَا جَدَّ الْحَسَنَيْن
سىلەردىن قوبۇل بولۇشنى ئۈمىد قىلىمىز،
ئى ھەسەنەيننىڭ بوۋىسى
بَحِبَّك وَ بَرِيْدَك
وَاتْمَنَّى أَبُوس إِيدَك
سېنى سۆيىمەن ۋە ساڭا تەلپۈنىمەن،
مۇبارەك قولۇڭنى سۆيۈشنى ئارزۇ قىلىمەن
خَدَّامَك وَمُرِيدَك
يَا جَدَّ الْحَسَنَيْن
سېنىڭ خىزمەتكارىڭ ۋە مۇرىدىڭمەن،
ئى ھەسەنەيننىڭ بوۋىسى
شُوفْتُه أَنِي قُصَادِي
اتْكَسَفْت أَنَادِي
مەن ئۇنى ئالدىمدا كۆرگىنىمدە،
نىدا قىلىشتىن خىجىل بولۇپ قالدىم
وِبْقَلْبِي سُهَادِي يَا جَدِّي
يَا جَدَّ الْحَسَنَيْن
قەلبىم ئىشتىياقتىن بىقرار ئىدى، ئەي بوۋام،
ئى ھەسەنەيننىڭ بوۋىسى!
يِنْدَهْلِي وَاجِيلُه
يِفْرِشْلِي مَنْدِيلُه
مېنى چاقىرىدۇ ۋە مەن بارىمەن،
ماڭا ئۆز رىداسىنى يېيىپ بېرىدۇ
حَبِيبِي أَنَادِيلُه
يَا جَدَّ الْحَسَنَيْن
سۆيۈملۈكۈمنى نىدا قىلىپ چاقىرىمەن،
ئى ھەسەنەيننىڭ بوۋىسى