صَفَتِ النَّظْرَهْ
نەزەر سۈزۈلدى
Ug
صَفَتِ النَّظْرَهْ طَابَتِ الْحَضْرَةْ
جَاءَتِ الْبُشْرَى لِأَهْل اللهِ
نەزەر ساپ بولدى، سۈھبەت شېرىن بولدى
خۇش خەۋەر كەلدى ئاللاھنىڭ ئەھلىگە
قَامُوْا سُكَارَى لِذِي الْبِشَارَه
جَعْلَوْا عِمَارَهْ شُكْراً لِلّهِ
خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ مەستلەردەك قوپتىلار
ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىپ زىكىر سورۇنى قۇردىلار
أَيُّهَا الْحَاضِرْ اُذْكُرْ وَذَاكِرْ
إِيَّاكَ تُنْكِرْ حَالَ أَهْلِ اللهِ
ئەي ھازىر بولغۇچى، زىكىر ئەت ۋە ياد ئەت
ساقتانغىن ئەھلۇللاھنىڭ ھالىنى ئىنكار قىلىشتىن
فَسَلِّمْ لَهُمْ فِيمَا عَرَاهُمْ
وَاعْلَمْ أَنَّهُمْ غَابُوْا فِي اللهِ
ئۇلارنى چىرمىغان ھالغا تەسلىم بولغىن
بىلگىنكى ئۇلار ئاللاھنىڭ زىكرىدە غايىب بولدىلار
فَالْوَجْدُ بِهِمْ دَاعِيْ يَدْعِيْهِمْ
يَطْرَأْ عَلَيْهِمْ فِيْ ذِكْرِ اللهِ
ۋەجد ئۇلارنى چاقىرغۇچى بىر چاقىرىقتۇر
ئاللاھنىڭ زىكرىدە ئۇلارغا كېلىپ تۇرىدۇ
وَمَنْ لَمْ يَجِدْ فَلْيَتَوَاجَدْ
قَصْداً يَتَعَرَّضْ لِفَضْلِ اللهِ
كىمدە ۋەجد بولمىسا، تەۋاجۇد قىلسۇن
ئاللاھنىڭ پەزلىگە مەقسەتلىك يۈزلىنىپ
هَكَذَا قَالُوْا وَلِذَا مَالَوْا
وَلَقَدْ غَالُوْا فِي ذِكْرِ اللهِ
شۇنداق دېدىلەر ۋە شۇڭا تەۋرەندىلەر
ئاللاھنىڭ زىكرىدە پۈتۈنلەي ئۆزلىرىدىن كەتتىلار
حَتَّى قَدْ ظَنَّا مَنْ لَيْسَ مِنَّا
أَنَّا جُنِنَّا بِذِكْرِاللهِ
ھەتتا بىزدىن بولمىغانلار شۇنداق ئويلىدى
بىزنى ئاللاھنىڭ زىكرىدىن ساراڭ بولدى دەپ
هَنِيْئاً لَنَا ثُمَّ بُشْرَانَا
إِنْ كَانَ لَنَا حُمْقٌ فِي اللهِ
بىزگە مۇبارەك ۋە خۇش خەۋەرلەر بولسۇن
ئەگەر بىزنىڭ «ساراڭلىقىمىز» ئاللاھنىڭ يولىدا بولسا