أَلْفٍ صَلَّى الله عَلَى زَيْنِ الْوُجُودْ
مەۋجۇدات زىينىتىغا ئاللاھنىڭ مىڭ سالاتى بولسۇن
Ug
أَلْفٍ صَلَّى الله عَلَى زَيْنِ الْوُجُودْ
مَنْ سَكَنْ طَيْبَة وَخَيَّمْ في زَرُودْ
مىڭلارچە دۇرۇت بولسۇن بارلىقنىڭ زىننىتىگە
مەدىنىدە تۇرۇپ، زەرۇدتا چېدىر قۇرغان زاتقا
يَا بُدُورَ الْحَيِّ يَا رَبْعَ الْكِرَامْ
بَلِّغُو ظَبْيَ الْحِمَى مِنِّي السَّلَامْ
ئەي قەبىلىنىڭ تولغان ئايلىرى، ئەي ئېسىللار مەنزىلى
ھەرەمنىڭ جەرىنىگە مەندىن سالام يەتكۈزۈڭلار
إِنْ تَهَتَكْنَا عَلَيْكُمْ لَا نُلَامْ
غَلَبَ الْوَجْدُ عَلَيْنَا وَ الْغَرَامْ
سىلەرنىڭ ئىشقىڭلاردا رەسۋا بولساقمۇ مالامەت قىلىنمايمىز
چۈنكى بىزگە ۋەجد ۋە ئاشىقلىق غالىب كەلدى
لَا يَنَامُ اللَّيْلَ عَاشِقْ مُسْتَهَامْ
إِنَّمَا النَّومُ عَلَى الْعَاشِقْ حَرَامْ
شەيدا بولغان ئاشىق تۈنلىرى ئۇخلىماس
ھەقىقەتەن ئاشىققا ئۇيقۇ ھارامدۇر
سَادَتِي إِنْ لَمْ تَحِنُّو بِاللِّقَا
مِتُّ وَجْدًا فَلَكُمْ طُولُ الْبَقَاء
ئەي خوجىلىرىم، دىدار بىلەن شەپقەت قىلمىساڭلار
مەن ۋەجدىن ئۆلۈپ كېتەرمەن، سىلەرگە بولسۇن مەڭگۈلۈك بەقا
أَنَا إِنْ لَمْ أَهْوَا غِزْلَانَ النَّقَاء
أَيُّ فَرْقٍ بَيْنَ قَلْبِي وَ الْجَمَادْ
مەن نۇقانىڭ جەرەنلىرىنى سۆيمىسەم ئەگەر
يۈرىكىم بىلەن جانسىز تاش ئارىسىدا نېمە پەرق قالار؟
آنَسَ اللهُ بِكُمْ أَوْقَاتَنَا
وَسَقَى وَادِيكُمُ فَيْضَ الْغَمَامْ
ئاللاھ سىلەر بىلەن ۋاقىتلىرىمىزنى نۇرلاندۇرسۇن
ۋادىيىڭلارنى بۇلۇتلارنىڭ بەرىكىتى بىلەن سۇغارسۇن