قصيدة الحجرة النبوية الشريفة
Qasida of the Noble Prophetic Chamber
Ug
يَا سَيِّدِي يَا رَسُولَ اللهِ خُذْ بِيَدِي
مَا لِي سِوَاكَ وَلَا أَلْوِي عَلَى أَحَدِ
ئەي غوجام، ئەي رەسۇلۇللاھ، تۇتقىن قۇلۇمنى
سەندىن باشقا ھېچكىمىم يوق، تايانمايمەن باشقىغا
فَأَنْتَ نُورُ الْهُدَى فِي كُلِّ كَائِنَةٍ
وَأَنْتَ سِرُّ النَّدَى يَا خَيْرَ مُعْتَمَدِ
سەن ھەر بىر مەۋجۇداتتىكى ھىدايەت نۇرىسەن
سەن ساخاۋەت سىرىسەن، ئەي ئەڭ ياخشى تايانچ
وَأَنْتَ حَقًّا غِيَاثُ الْخَلْقِ أَجْمَعِهِمْ
وَأَنْتَ هَادِي الْوَرَى لِلَّهِ ذِي السَّدَدِ
سەن ھەقىقەتەن بارلىق مەخلۇقاتنىڭ غەۋسىسەن
سەن ئىنسانلارنى ھەق تەالاغا باشلىغۇچىسەن
يَا مَنْ يَقُومُ مَقَامَ الْحَمْدِ مُنْفَرِدًا
لِلْوَاحِدِ الْفَرْدِ لَمْ يُولَدْ وَلَمْ يَلِدِ
ئەي يالغۇز ھالدا مەقامى مەھمۇدتا تۇرغۇچى
تۇغمايدىغان ۋە تۇغۇلمىغان يېگانە زات ئۈچۈن
يَا مَنْ تَفَجَّرَتِ الْأَنْهَارُ نَابِعَةً
مِنْ إِصْبَعَيْهِ فَرَوَّى الْجَيْشَ بِالْمَدَدِ
ئەي بارماقلىرىدىن بۇلاقتەك سۇلار ئېتىلغان
ياردىمى بىلەن پۈتكۈل قوشۇننى قاندۇرغان زات
إِنِّي إِذَا سَامَنِي ضَيْمٌ يُرَوِّعُنِي
أَقُولُ يَا سَيِّدَ السَّادَاتِ يَا سَنَدِي
ئەگەر مېنى قورقىتىدىغان بىر زۇلۇم يەتسە
دەيمەنكى: ئەي ساداتلار سەردارى، ئەي مېنىڭ تايانچىم
كُنْ لِي شَفِيعًا إِلَى الرَّحْمَنِ مِنْ زَلَلٍ
وَامْنُنْ عَلَيَّ بِمَا لَا كَانَ فِي خَلَدِي
خاتالىقلىرىم ئۈچۈن رەھماننىڭ دەرگاھىدا شەپائەتچى بولغىن
كۆڭلۈمگە كەلمىگەن نېمەتلەرنى ماڭا ئاتا قىلغىن
وَانْظُرْ بِعَيْنِ الرِّضَا لِي دَائِمًا أَبَدًا
وَاسْتُرْ بِفَضْلِكَ تَقْصِيرِي إِلَى الْأَمَدِ
ماڭا دائىم رىزا كۆزۈڭ بىلەن قارىغىن
پەزىلىتىڭ بىلەن نۇقسانلىرىمنى مەڭگۈ يوشۇرغىن
وَاعْطِفْ عَلَيَّ بِعَفْوٍ مِنْكَ يَشْمَلُنِي
فَإِنَّنِي عَنْكَ يَا مَوْلَايَ لَمْ أَحِدِ
مېنى قاپلايدىغان بىر ئەپۇ بىلەن مېھرىبانلىق قىلغىن
چۈنكى مەن سەندىن، ئەي مەۋلايىم، ھەرگىز باش تارتىپ كېتەلمىدىم
إِنِّي تَوَسَّلْتُ بِالْمُخْتَارِ أَفْضَلِ مَنْ
رَقَى السَّمَاوَاتِ سِرِّ الْوَاحِدِ الْأَحَدِ
مەن تاللانغان زاتنى ۋاسىتە قىلدىم، ئۇ ئەڭ ئەۋزەلدۇر
ئاسمانلارغا ئۆرلىگەن بىرۇ يېگانە ئاللاھنىڭ سىرىدۇر
رَبُّ الْجَمَالِ تَعَالَى اللهُ خَالِقُهُ
فَمِثْلَهُ فِي جَمِيعِ الْخَلْقِ لَمْ أَجِدِ
ئۇ گۈزەللىك ئىگىسىدۇر، ياراتقۇچىسى ئاللاھ نېمىدېگەن ئۇلۇغ
پۈتۈن مەخلۇقات ئارىسىدا ئۇنىڭدەك بىرىنى تاپالمىدىم
خَيْرُ الْخَلَائِقِ أَعْلَى الْمُرْسَلِينَ ذُرًى
ذُخْرُ الْأَنَامِ وَهَادِيهِمْ إِلَى الرُّشْدِ
ئۇ مەخلۇقلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرىسى
ئىنسانلارنىڭ خەزىنىسى ۋە ھەق يولغا باشلىغۇچىسىدۇر
بِهِ الْتَجَأْتُ لَعَلَّ اللهَ يَغْفِرَ لِي
هَذَا الَّذِي هُوَ فِي ظَنِّي وَمُعْتَقَدِي
ئاللاھنىڭ مەغپىرىتىگە ئېرىشەي دەپ ئۇنى پاناھ تۇتتۇم
مېنىڭ گۇمانىم ۋە ئېتىقادىم مانا مۇشۇدۇر
فَمَدْحُهُ لَمْ يَزَلْ دَأْبِي مَدَى عُمُرِي
وَحُبُّهُ عِنْدَ رَبِّ الْعَرْشِ مُسْتَنَدِي
ئۇنى مەدھىيەلەش پۈتۈن ئۆمرۈمدىكى ئادىتىمدۇر
ئەرشنىڭ رەببىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ سۆيگۈسى تايانچىمدۇر
عَلَيْهِ أَزْكَى صَلَاةٍ لَمْ تَزَلْ أَبَدًا
مَعَ السَّلَامِ بِلَا حَصْرٍ وَلَا عَدَدِ
ئۇنىڭغا مەڭگۈ داۋاملىشىدىغان ئەڭ پاك دۇرۇتلار بولسۇن
چەكسىز ۋە سان-ساناقسىز سالاملار بىلەن بىرگە
وَالْآلِ وَالصَّحْبِ أَهْلِ الْمَجْدِ قَاطِبَةً
وَتَابِعِيهِمْ بِإِحْسَانٍ إِلَى الْأَبَدِ
پۈتكۈل شان-شەرەپلىك ئال-ئەسھابلىرىغا
ۋە ئۇلارغا ئەڭ گۈزەل رەۋىشتە ئەگەشكەنلەرگە مەڭگۈ بولسۇن