مِنْ جَمَالِ الْكَوْنِ خَمْرِي
كائىنات گۈزەللىكىدىن شارابىم
Ug
Ug
مِنْ جَمَالِ الْكَوْنِ خَمْرِي
ذَقْتُهُ صِرْفاً حَلَالَا
كائىنات گۈزەللىكىدىندۇر مېنىڭ شارابىم،
مەن ئۇنى ساپ ۋە ھالال ھالدا تېتىدىم.
وَهْوَ مِنْ أَوْصَافِ بَدْرِي
قَدْحَوَى ذَاكَ الْجَمَالَا
ئۇ مېنىڭ تولۇن ئېيىمنىڭ سۈپەتلىرىدىندۇر،
بارلىق كامالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان گۈزەللىكتۇر.
وَجْهٌ قَدْ لَاحَ سَنَاهْ
وَالْكَوْنُ غَدَا مِرْآهْ
ئۇ بىر جامالدۇركى، نۇرى پارلاپ چاقنىدى،
پۈتۈن كائىنات ئۇنىڭغا بىر ئەينەك بولدى.
إِنْ رُمْتَ فُؤَادِي لِقَاهْ
فَاجْعَلْ هَوَاكَ هَوَاهْ
ئەگەر كۆڭلۈڭ ئۇنىڭغا يېتىشىشنى تىلىسە،
مەيلى-مۇھەببىتىڭنى ئۇنىڭ مەيلىگە بويسۇندۇرغىن.
أَنَا بِالْرُّوْحِ سَمَاءُ
أَنَا بِالْجِسْمِ هَبَاءُ
مەن روھىم بىلەن بىر يۈكسەك ئاسمانمەن،
تېنىم بىلەن بولسا بىر چاڭ-توزانمەن.
أَنَا زَهْرٌ أَنَا مَاءُ
تِهْتُ مِنْ وَجْدِي دَلَالَا
مەن گۈلمەن، مەن سۇمەن،
ۋەجدىمنىڭ ناز-كەرەشمىسىدە تېڭىرقاپ قالدىم.
وَالْرُّوْحُ رَقَى مَرْقَاهْ
وَالْقَلْبُ غَدَا يَرْعَاهْ
روھ ئۆز مەرتىۋىسىگە يۈكسەلدى،
قەلب ئۇنى كۆزىتىپ، مۇھاپىزەت قىلىشقا باشلىدى.
وَالْجِسْمُ سَعَى مَسْعَاهْ
لِيَنَالَ بِذَاكَ مُنَاهْ
تەن بولسا ئۆز يولىدا تېز يۈردى،
شۇ ئارقىلىق ئۆز مەقسەت-مۇرامىغا يېتىش ئۈچۈن.
يَا عَذُوْلاً لَامَ جَهْلاً
مُغْرَماً قَدْ نَالَ وَصْلَا
ئەي نادانلىق بىلەن مالامەت قىلغۇچى،
ۋىسالغا يەتكەن ئاشىقنى ئەيىبلىمە.
إِنْ تَلُمْ صِدْقاً سَتُبْلَى
وَتَذُوْقُ الْحُبَّ حَالاَ
ئەگەر سەمىمىيلىك بىلەن ئەيىبلىسەڭ، سەن سىنىلىسەن،
ھەمدە شۇئان بۇ مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىيسەن.
بِفَنَائِكَ عَنْ سِوَاهْ
تَأْوِيْ لِفِنَاءِ بَقَاهْ
ئۇنىڭدىن باشقىلاردىن پانىي بولۇشۇڭ بىلەن،
ئۇنىڭ باقىيلىق مەيدانىدىن پاناھ تاپىسەن.
وَبِبَرْدِ شَرَابِ رِضَاهْ
يُطْفِي الْفُؤَادُ جَوَاهْ
ئۇنىڭ رەزاسىنىڭ سالقىن شارابى بىلەن،
قەلبنىڭ كۆيگەن ئوت-پىغانلىرى ئۆچۈرۈلىدۇ.
صَلَوَاتُ اللهِ تُهْدَى
مِنْ جَمِيْعِ الْطِّيْبِ أَنْدَى
ئاللاھنىڭ دۇرۇتلىرى سوغا قىلىنسۇن،
بارلىق خۇشبۇيۇنلاردىن تېخىمۇ خۇشبۇي ھالدا.
لِرَسُوْلٍ قَدْ تَبَدَّى
نُوْرُهُ يَمْحُو الْضَّلَالَا
زۇھۇر بولغان رەسۇلغا بولسۇنكى،
ئۇنىڭ نۇرى بارلىق ئازغۇنلۇقنى يوقىتار.
بِسَلامٍ لا يَتَنَاهْ
وَالْاَلِ أُهَيْلِ الْجَاهْ
تۈگىمەس، چەكسىز سالاملار بىلەن،
ئۇنىڭ ئالىي مەرتىۋىلىك ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بولسۇن.
وَالْصَّحْبِ وَمَنْ وَالَاهْ
وَجِيْعِ رِجَالِ الله
ساھابىلىرىگە ۋە ئۇنى دوست تۇتقانلارغا،
ھەمدە ئاللاھنىڭ بارلىق مەردانە بەندىلىرىگە بولسۇن.