مَنْ مِثْلُ أحمد
ئەھمەتكە ئوخشاش كىم بار؟
Ug
Ug
اللهْ اللهُ اللهْ اللهُ
اللهْ اللهُ تَبَارَكَ اللهُ
ئاللاھ ئاللاھ، ئاللاھ ئاللاھ
ئاللاھ ئاللاھ، مۇبارەكتۇر ئاللاھ!
مَنْ مِثْلُ أَحْمَدَ فِي الكَوْنَيْنِ نَهْوَاهُ
بَدْرٌ جَمِيعُ الوَرَى فِي حُسْنِهِ تَاهُوا
ئىككى ئالەمدە ئەھمەدتەك سۆيۈملۈك كىم بار؟
ئۇ بىر تولۇن ئايدۇر، بارچە مەخلۇقات ئۇنىڭ ھۆسنىدە مەھلىيا بولغان.
مَن مِثْلُهُ وَ إِلَهُ الْعَرْشِ شَرَّفَهُ
بِالْخَلْقِ وَ الْخُلْقِ إِنَّ اللَّهَ أَعْطَاهُ
كىم بار ئۇنىڭدەك؟ ئەرشنىڭ رەببى ئۇنى شەرەپلەندۈردى
سۈرىتى ۋە خۇلقى بىلەن، ھەقىقەتەن ئاللاھ ئۇنىڭغا ئاتا قىلدى.
وَالشَّمْسُ تَخْجَلُ مِنْ أَنْوَارِ طَلْعَتِهِ
حَارَتْ عُقُولُ الْوَرَى فِي فَهْمِ مَعْنَاهُ
قۇياش خىجىل بولۇر ئۇنىڭ جامالىنىڭ نۇرلىرىدىن
خالايىقنىڭ ئەقىللىرى ئۇنىڭ ماھىيىتىنى چۈشىنىشتە ھەيران قالدى.
تَبَارَكَ اللَّهُ مَا أَحْلَى شَمَائِلَهُ
حَازَ الْجَمَالَ فَمَا أَبْهَى مُحَيَّاهُ
مۇبارەكتۇر ئاللاھ، نېمىدېگەن تاتلىق ئۇنىڭ خىسلەتلىرى
ئۇ بارچە گۈزەللىكنى جەم قىلدى، نېمىدېگەن نۇرلۇق ئۇنىڭ سىماسى.
يَا عُرْبَ وَادِي النَّقَى يَا أَهْلَ كَاظِمَةٍ
فِي حَيِّكُمْ قَمَرٌ فِي الْقَلْبِ مَثْوَاهُ
ئەي نۇقا ۋادىسىنىڭ ئەرەبلىرى، ئەي كازىمە ئەھلى
سىلەرنىڭ مەھەللەڭلاردا بىر ئاي باردۇر، ماكانى قەلبتە بولغان.
صَلَّى عَلَيْهِ إِلَهُ الْعَرْشِ مَا طَلَعَتْ
شَمْسٌ وَ مَا حَدْحَدَ الْحَادِي مَطَايَاهُ
ئەرشنىڭ ئىلاھى ئۇنىڭغا دۇرۇد يوللىسۇن قۇياش چىققانچە
ۋە تۆگە ھەيدىگۈچى ناخشىسى بىلەن ئۇلوغلىرىنى ماڭدۇرغانچە.
اللهُ بِالْمَدْحِ لِلْمُخْتارِ مَنَّ عَلَيّْ
عَسَى يُرى لِيَ بَيْنَ المَادِحِيْنَ حَلَي
ئاللاھ مۇستافانى مەدھىيەلەش بىلەن ماڭا مەرھەمەت قىلدى
شۇئارىم شۇكى، مەدھىيە ئېيتقۇچىلار ئارىسىدا مەن بىر ئورۇنغا ئېرىشسەم.
إِذَا أَتَيْتُ لِأَقْرَا الصُّحْفَ مِنْ عَمَلِيْ
مَالِي سِوَى مَنْ لَهُ فَضْلٌ يُشِيْرُ إِلَىّ
ئەمەل دەپتىرىمنى ئوقۇشقا كەلگىنىمدە
ماڭا پەزلى بىلەن مەرھەمەت قىلىدىغان زاتتىن باشقا ھېچكىمىم يوق.
مُحَمَّدٌ سَيِّدُ الكَوْنَيْنِ وَالثَّقَلَيْـنِ
وَالفَرِيقَيْنِ مِنْ عُرْبٍ وَمِنْ عَجَمِ
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئىككى ئالەمنىڭ ۋە ئىنسى-جىننىڭ سەردارىدۇر
ھەمدە ئەرەب ۋە ئەجەمدىن ئىبارەت ئىككى تائىپىنىڭ ھۆكۈمرانىدۇر.
هُوَ الحَبِيبُ الذِّي تُرْجَى شَفَاعَتُهُ
لِكُلِّ هَوْلٍ مِنَ الأَهْوَالِ مُقْتَحَمِ
ئۇ شۇنداق بىر سۆيۈملۈك زاتكى، شەپائىتىدىن ئۈمىد كۈتۈلۈر
بېشىمىزغا كېلىدىغان ھەر بىر دەھشەتلىك قورقۇنچلاردا.
نَبِيُّنَا الآمِرُ النَّاهِي فَلاَ أَحَدٌ
أَبَرَّ فِي قَوْلِ لاَ مِنْهُ وَلاَ نَعَمِ
پەيغەمبىرىمىز بۇيرۇق بەرگۈچى ۋە توسقۇچىدۇر، ھېچكىم يوقتۇر
"ياق" ياكى "ھەئە" دېگەن سۆزىدە ئۇنىڭدىنمۇ راستچىل بولغان.
كَالزَّهْرِ فِي تَرَفٍ وَالبَدْرِ فِي شَرَفٍ
وَالبَحْرِ فِي كَرَمٍ وَالدَّهْرِ فِي هِمَمِ
ئۇ تەرەۋاتتا چېچەكتەك، شەرەپتە تولۇن ئايدەك
سېخىيلىقتا دېڭىزدەك، ئىرادىدە زاماندەك كۈچلۈكتۇر.
يِا رَبِّ بِالمُصْطَفَى بَلِّغْ مَقَاصِدَنَا
وَاغْفِرْ لَنَا مَا مَضَى يَا وَاسِعَ الكَرَمِ
ئى رەببىم، مۇستافانىڭ ھۆرمىتى بىلەن مەقسەتلىرىمىزگە يەتكۈزگىن
ئۆتكەن گۇناھلىرىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، ئەي سېخىيلىقى چەكسىز زات.
وَاغْفِرْ إِلَهِي لِكُلِ المُسْلِمِينَ بِمَا
يَتْلُونَ فِي المَسْجِدِ الأَقْصَى وَفِي الحَرَمِ
ئى ئىلاھىم، بارلىق مۇسۇلمانلارنى مەغپىرەت قىلغىن
مەسجىدى ئەقسا ۋە ھەرەم مەسجىدىدە تىلاۋەت قىلىنغانلار ھۆرمىتىدىن.
بِجَاهِ مَنْ بَيْتُهُ فِي طَيْبَةٍ حَرَمٌ
وَإسْمُهُ قَسَمٌ مِنْ أَعْظَمِ الْقَسَمِ
ماكانى تەيبەدە مۇقەددەس ھەرەم بولغان زاتنىڭ ھۆرمىتى بىلەن
ئۇنىڭ مۇبارەك ئىسمى ئەڭ بۈيۈك قەسەملەردىن بىرىدۇر.