مَا مَدَّ لِخَيْرِ الْخَلْقِ يَدَا
Extend Your Hand
Ug
الله الله الله الله الله الله
لَا إِلَٰهَ إِلَّا ٱللَّٰهْ
ئاللاھ ئاللاھ ئاللاھ ئاللاھ ئاللاھ ئاللاھ
ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر
مَا مَدَّ لِخَيْرِ الْخَلْقِ يَدَا
أَحَدٌ إِلَّا وَبِهِ سَعِدَا
يارالمىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ھېچكىم قول سوزمىدىكى
ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بەختىيار بولمىغان بولسۇن
فَلِذَاكَ مَدَدْتُ إِلَيْهِ يَدِي
وَبِذَلِكَ كُنْتُ مِنَ الْسُّعَدَا
شۇڭلاشقا مەنمۇ ئۇنىڭغا قولۇمنى سۇزدۇم
شۇ سەۋەبتىن بەختلىكلەر قاتارىدىن بولدۇم
بَابٌ لِلَّهِ سَمَا وَعَلَا
شَرَفاً وَامْتَازَ بِكُلِّ عُلَا
ئۇ ئاللاھقا ئېلىپ بارىدىغان ئالىي بىر دەرۋازىدۇر
شەرەپ ۋە بارلىق يۈكسەكلىكلەر بىلەن ئالاھىدە بولغان
وَالْكُلُّ بِدَعْوَتِهِ اتَّصَلَا
بِاللهِ وَحَازَ بِهِ الْمَدَدَا
ھەممەيلەن ئۇنىڭ دەۋىتى بىلەن باغلاندى ئاللاھقا
ھەم ئۇنىڭ بىلەن مەدەت-نۇسرەتكە ئېرىشتى
إِنِّي فِي الْعُسْرِ وَفِي الْيُسْرِ
بِحِمَاهُ أَلُوذُ مَدَى الْعُمْرِ
مەن قىيىنچىلىق ۋە ئاسانلىق كۈنلىرىمدە
پۈتۈن ئۆمرۈم بويى ئۇنىڭ پاناھىغا سېغىنىمەن
وَأَقُولُ أَغِثْنِي يَا ذُخْرِي
وَأَنِلْنِي مِنْ كَفَّيْكَ نَدَا
دەيمەنكى: «ئەي مېنىڭ خەزىنىم، ماڭا ياردەم بەرگەيسەن»
«ۋە ئىككى ئالقىنىڭدىن ماڭا ئېھسان ئاتا قىلغايسەن»
وَعَلَيْنَا تَعَطَّفْ يَا أَمَلِي
بِشِفَاءِ الْقَلْبِ مِنَ الْعِلَلِ
بىزگە مېھرىبانلىق قىلغىن، ئەي مېنىڭ ئارزۇيۇم
قەلبلەرنى كېسەللىكلەردىن ساقايتىش بىلەن
أَيَكُونُ مُحِبُّكَ فِي وَجَلٍ
وَبِجَاهِكَ لَا أَخْشَى أَحَدَا
سېنىڭ مۇھىببىڭ ھېچ قورقۇنچتا قالارمۇ؟
سېنىڭ مەرتبەڭ بىلەن ھېچكىمدىن قورقمايمەن
لَا أَرْجُو غَيْرَكَ إِنْ جَارَا
دَهْرِي وَعَدِمْتُ الْأَنْصَارَا
سېدىن باشقىدىن ئۈمىد كۈتمەيمەن، ئەگەر زامانام
ماڭا زۇلۇم قىلسا ۋە ياردەمچىلىرىم قالمىسا
بِحَيَاتِكَ أَلْقِ الأَنْظَارَا
كَرَماً يَا أَفْضَلَ مَنْ سَجَدَا
سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، بىر نەزەر سالغىن
كەرەم بىلەن، ئەي سەجدە قىلغۇچىلارنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى
أَنْتَ الْمُخْتَارُ مِنَ القِدَمِ
يَا خَيْرَ شَفِيعٍ فِي الأُمَمِ
سەن ئەزەلدىن تاللانغان مۇستافادۇرسەن
ئەي پۈتۈن ئۈممەتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ياخشى شاپائەتچى
وَبِنُورِكَ مِنْ بَعْدِ الْعَدَمِ
وَجْهُ الْتَّكْوِينِ زَهَا وَبَدَا
يوقلۇقتىن كېيىن سېنىڭ نۇرۇڭ بىلەن
پۈتۈن كائىناتنىڭ چىرايى نۇرلىنىپ ئاشكارە بولدى
وَصَلَاةُ اللهِ بِلَا حَصْرِ
لَكَ تُهْدَى يَا سَامِي الْقَدْرِ
ئاللاھنىڭ چەكسىز سالاتلىرى بولسۇن
ساڭا ھەدىيە قىلىنىدۇ، ئەي قەدرى يۈكسەك زات
وَالْآلِ مَعَ الْصَّحْبِ الْغُرِّ
مَا حَادِي الْعِيسِ نَشَا وَصَدَى
ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىڭ ۋە نۇرلۇق ساھابىلىرىڭگىمۇ بولسۇن
تاكى تۆگە ھەيدىگۈچى ناخشا توۋلاپ ساداسى ياڭرىغىچە