مَا لِي سِوَاكْ هَمْ وَأَنْتَ تَعْلَمْ
سېنىڭدىن باشقا غېمىم يوق، سەن بىلىسەن.
Ug
Ug
مَا لِي سِوَاكْ هَمْ وَأَنْتَ تَعْلَمْ
فَالْقُرْبُ مَغْنَمْ وَالْبُعْدُ مَغْرَمْ
سەندىن باشقا غېمىم يوق، ئۆزۈڭ بىلىسەن
يېقىنلىق بىر غەنىيمەتتۇر، يىراقلىق بىر زىيان
خُذْنِي إِلَيْكَ بَيْنَ يَدَيْكَ
حُسِبْتُ عَلَيْكَ فِي كُلِّ مَا أَعْلَمْ
مېنى ئۆزۈڭگە، ئالدىڭغا تارتقىن
بارلىق بىلگەنلىرىمدە ساڭا مەنسۇپ دەپ ھېسابلاندىم
أَنْتَ مُرَادِي فَكُنْ لِيْ هَادِي
فَالْقَلْبُ صَادِي فَزِلْ لِيْ ذَا الْهَمْ
سەن مېنىڭ مۇددىئايىم، ماڭا يول باشلىغۇچى بولغىن
قەلبىم بەك تەشنادۇر، مەندىكى بۇ غەمنى كۆتۈرۈۋەتكىن
مَنْ ذَا يَكُنْ لِي إِنْ لَمْ تَكُنْ لِي
تَرَى لِذُلِّي وَأَنْتَ أَرْحَمْ
ئەگەر سەن ماڭا يار بولمىساڭ، كىم ماڭا مەدەتكار بولار
سەن مېنىڭ خارلىقىمنى كۆرۈپ تۇرىسەن، سەن ئەڭ رەھىمدىلسەن
كَمْ ذَا أُنَادِي يَا خَيْرَ هَادِي
يَكْفِي بُعَادِي فَالْجُودُ قَدْ عَمْ
ئى ئەڭ ياخشى ھادىي، سېنى نېمە دېگەن كۆپ چاقىردىم
ئايرىلىق يېتەر، سېنىڭ ئېھسانىڭ ئالەمگە يېيىلدى
نُورُ الْوِصَالِ مَهْرُهُ غَالِي
سِوَاكَ مَا لِي جُدْ وَتَكَرَّمْ
ۋىسال نۇرىنىڭ مەھرى بەكمۇ قىممەتتۇر
سەندىن باشقا ھېچكىمىم يوق، مەرھەمەت قىل ۋە ئېھسان قىل
قُرْبِي وَبُعْدِي سِيَّانِ عِنْدِي
لِأَنَّ رُشْدِي فِيمَا تَقَسِّمْ
مېنىڭ نەزىرىمدە يېقىنلىق بىلەن يىراقلىق ئوخشاشتۇر
چۈنكى مېنىڭ توغرا يولۇم سەن تەقسىم قىلغان قىسمەتتىدۇر
فَاجْعَلْ هِبَاتِي رُوحَ الْحَيَاةِ
حَبِيبْ ذَاتِي طه الْمُعَلِّمْ
ماڭا بەرگەنلىرىڭنى ھاياتىمنىڭ روھى قىلغىن
ۋۇجۇدۇمنىڭ سۆيۈملۈكى مۇئەللىم تاھادۇر
تَعْلَمْ لِقَصْدِي حِبِّي وَوُدِّي
فَكُنْ لِلْكُرْدِي فِي كُلِّ مَغْنَمْ
نىيىتىمنى، مۇھەببىتىمنى ۋە سۆيگۈمنى بىلىسەن
ھەر بىر زەپەردە كۇردىي بىلەن بىللە بولغىن
صَلَاةُ رَبِّي لِحَبِيبِ قَلْبِي
طه الْمُرَبِّي عَلَيْهِ سَلَّمْ
پەرۋەردىگارىمنىڭ دۇرۇتلىرى قەلبىمنىڭ مەھبۇبىغا بولسۇن
تەربىيەچى تاھاغا سالاملار بولسۇن