خُذْ مَا صَفَا وَدَعِ الْكَدَر
سۈزۈكىنى ئالغىن، لېيىقىنى قويغىن.
Ug
يَا رَبَّنَا يَا رَبَّنَا
غِثْنَا بِقُرْبِ الـْمُصْطَفَى
ئى رەببىمىز، ئى رەببىمىز
مۇستافانىڭ يېقىنلىقى بىلەن بىزگە ياردەم بەرگىن
وَ ارْحَمْ إِلَهِي ضَعْفَنَا
بِٱلْمُصْطَفَىٰ خَيْرِ ٱلْبَشَرْ
ئى ئىلاھىم، ئاجىزلىقىمىزغا رەھىم قىلغىن
بەشەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇستافا بىلەن
خُذْ مَا صَفَا وَدَعِ الْكَدَرْ
وَكِلِ الْأُمُورَ إلى الْقَدَرْ
سۈزۈكىنى ئالغىن، خىرەلىكنى تاشلىغىن
پۈتكۈل ئىشلارنى تەقدىرگە تاپشۇرغىن
مَهْمَا غُلِبْتَ كَمَا أَمَرْ
هَادِي الْوَرَى خَيْرُ الْبَشَرْ
نېمىلا بولمىسۇن، ئۇ بۇيرۇغاندەك قىل
خالايىقنىڭ ھىدايەتچىسى، بەشەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلى
إِنَّ الْأُمُورَ جَرَى بِهَا
قَلَمٌ عَلَى الْلَّوْحِ الْأَغَرْ
شۈبھىسىزكى، بارلىق ئىشلار پۈتۈلگەندۇر
پارلاق لەۋھ ئۈستىدىكى قەلەم بىلەن
فِي سَابِقِ الْعِلْمِ الْقَدِيمْ
مِنْ قَبْلِ إِيجَادِ الْصُّوَرْ
ئەزەلىي قەدىم ئىلمىدە
سۈرەتلەر بارلىققا كېلىشتىن ئىلگىرىلا
يَا رَبَّنَا يَا رَبَّنَا
غِثْنَا بِقُرْبِ الـْمُصْطَفَى
ئى رەببىمىز، ئى رەببىمىز
مۇستافانىڭ يېقىنلىقى بىلەن بىزگە ياردەم بەرگىن
وَ ارْحَمْ إِلَهِي ضَعْفَنَا
بِٱلْمُصْطَفَىٰ خَيْرِ ٱلْبَشَرْ
ئى ئىلاھىم، ئاجىزلىقىمىزغا رەھىم قىلغىن
بەشەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇستافا بىلەن
وَدَعِ الْهُمُومَ فَإِنَّهَا
يَا صَاحِبِي مَحْضُ الْضَّرَرْ
غەم-ئەندىشىلەرنى تاشلىغىن، چۈنكى ئۇلار
ئى دوستۇم، ساپ زىياندىن باشقا نەرسە ئەمەس
وَاغْنَمْ زَمَانَكَ وَاسْتَرِحْ
مِنْ لَوْ وَلِمْ تَلْقَ الْظَّفَرْ
ۋاقتىڭنى غەنىيمەت بىل، ئارام تاپقىن
"ئەگەر" ۋە "نېمىشقا"دىن قۇتۇلساڭ، نۇسرەت تاپىسەن
وَارْجِعْ إِلَى اللَّهِ إِذَا
مَالَحَّ خَطْبٌ أَوْ عَصَرْ
ئاللاھقا قايتقىن ھەر قاچان
بىرەر مۇسىبەت كېلىپ بېسىم قىلغاندا
وَإِذَا بُلِيتَ بِمِحْنَةٍ
فَاصْبِرْ لَهَا فِيمَنْ صَبَرْ
ئەگەر بىرەر سىناققا يولۇقساڭ
سەۋر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە سەۋر قىل
يَا رَبَّنَا يَا رَبَّنَا
غِثْنَا بِقُرْبِ الـْمُصْطَفَى
ئى رەببىمىز، ئى رەببىمىز
مۇستافانىڭ يېقىنلىقى بىلەن بىزگە ياردەم بەرگىن
وَ ارْحَمْ إِلَهِي ضَعْفَنَا
بِٱلْمُصْطَفَىٰ خَيْرِ ٱلْبَشَرْ
ئى ئىلاھىم، ئاجىزلىقىمىزغا رەھىم قىلغىن
بەشەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇستافا بىلەن
مِنْ كُلِّ بَرٍّ مُوقِنٍ
مُتَوَقِّرٍ عِنْدَ الْغِيَرْ
ھەر بىر سالىھ، يەقىن ئەھلىدىن بول
تەقدىر ئۆزگىرىشلىرىدە ئېغىر-بېسىق تۇرغۇچى
وَإِذَا خُصِصْتَ بِنِعْمَةٍ
فَاشْكُرْ مَعَ مَنْ قَدْ شَكَرْ
ئەگەر بىرەر نېمەتكە نائىل بولساڭ
شۈكۈر قىلغۇچىلار بىلەن بىللە شۈكۈر ئېيتقىن
لِلَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينْ
تُعْطَ الْمَزِيدَ كَمَا ذَكَرْ
ئالەملەرنىڭ رەببى ئاللاھقا شۈكۈر قىل
ئۇ ئېيتقاندەك، ساڭا نېمەت زىيادە قىلىنۇر
وَاعْمَلْ لِنَفْسِكَ صَالِحًا
تَنْجُو بِهِ مِنْ كُلِّ شَرْ
ئۆزۈڭ ئۈچۈن سالىھ ئەمەللەرنى قىل
ئۇنىڭ بىلەن ھەر بىر يامانلىقتىن نىجات تاپىسەن
يَا رَبَّنَا يَا رَبَّنَا
غِثْنَا بِقُرْبِ الـْمُصْطَفَى
ئى رەببىمىز، ئى رەببىمىز
مۇستافانىڭ يېقىنلىقى بىلەن بىزگە ياردەم بەرگىن
وَ ارْحَمْ إِلَهِي ضَعْفَنَا
بِٱلْمُصْطَفَىٰ خَيْرِ ٱلْبَشَرْ
ئى ئىلاھىم، ئاجىزلىقىمىزغا رەھىم قىلغىن
بەشەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇستافا بىلەن
وَتَفُوزُ بِالْحُسْنَى وَبِالْــــ
ــــجَنَّاتِ دَارِ الْمُسْتَقَرْ
ئەڭ گۈزەل مۇكاپاتقا ئېرىشىسەن ۋە
قارارگاھ جايى بولغان جەننەتلەرگە
دَارِ الْبَقَا دَارِ الْنَّعِيمْ
دَارِ الْكَرَامَةِ وَالْنَّظَرْ
ئەبەدىي ماكان، نېمەت ماكانى
مۆھتەرەم دىدار ۋە كەرەم ماكانىغا
وَأَعِدَّ زَادَكَ لِلْمَعَادْ
مِنْ قَبْلِ يَفْجَاكَ الْحَذَرْ
قايتىش سەپىرىگە تۇدۇقۇڭنى تەييارلا
تۇيۇقسىز ئاجال كېلىشتىن ئىلگىرى
فَالْمَوْتُ آتٍ عَنْ قَرِيبْ
وَلَعَلَّ يَوْمَكَ قَدْ حَضَرْ
چۈنكى ئۆلۈم يېقىندا كەلگۈچىدۇر
بەلكىم سېنىڭ ۋاقتىڭ ھازىرلا كەلگەندۇر
يَا رَبَّنَا يَا رَبَّنَا
غِثْنَا بِقُرْبِ الـْمُصْطَفَى
ئى رەببىمىز، ئى رەببىمىز
مۇستافانىڭ يېقىنلىقى بىلەن بىزگە ياردەم بەرگىن
وَ ارْحَمْ إِلَهِي ضَعْفَنَا
بِٱلْمُصْطَفَىٰ خَيْرِ ٱلْبَشَرْ
ئى ئىلاھىم، ئاجىزلىقىمىزغا رەھىم قىلغىن
بەشەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇستافا بىلەن
يَا رَبُّ أَنْتَ الْمُبْتَغَى
وَالْمُرْتَجَى وَالْمُدَّخَرْ
ئى رەببىم، سەنلا تەلەپ قىلىنغۇچى
ئۈمىد قىلىنغۇچى ۋە خەزىنىمىزدۇرسەن
يَا رَبَّنَا فَاسْتُرْ وَسَا
مِحْ أَنْتَ أَكْرَمُ مَنْ سَتَرْ
ئى رەببىمىز، ئەيىبلىرىمىزنى ياپ ۋە ئەپۇ قىل
سەن ئەيىبلەرنى ياپقۇچىلارنىڭ ئەڭ كەرەملىكىسەن
يَا رَبَّنَا وَانْظُرْ إِلَيـْــــ
ـــنَا أَنْتَ أَحْسَنُ مَنْ نَظَرْ
ئى رەببىمىز، بىزگە رەھمەت بىلەن باققىن
سەن نەزەر سالغۇچىلارنىڭ ئەڭ گۈزىلىسەن
يَا رَبَّنَا وَاخْتِمْ لَنَا
بِالْخَيْرِ إِنْ حَانَ الْسَّفَرْ
ئى رەببىمىز، خاتىمىمىزنى ياخشىلىق بىلەن قىل
ئەڭ ئاخىرقى سەپەر ۋاقتى كەلگەندە
يَا رَبَّنَا يَا رَبَّنَا
غِثْنَا بِقُرْبِ الـْمُصْطَفَى
ئى رەببىمىز، ئى رەببىمىز
مۇستافانىڭ يېقىنلىقى بىلەن بىزگە ياردەم بەرگىن
وَ ارْحَمْ إِلَهِي ضَعْفَنَا
بِٱلْمُصْطَفَىٰ خَيْرِ ٱلْبَشَرْ
ئى ئىلاھىم، ئاجىزلىقىمىزغا رەھىم قىلغىن
بەشەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇستافا بىلەن
ثُمَّ الصَّلَاةُ عَلَى الرَّسُولْ
خَيْرِ الْبَرِيَّةِ مِنْ مُضَرْ
ئاندىن دۇرۇت بولسۇن رەسۇلۇللاھقا
مۇدار قەبىلىسىدىن بولغان خالايىقنىڭ ئەۋزىلىگە
خَتْمِ الْنَّبِيِّينَ الْكِرَامْ
نِعْمَ الْمَصَابِيحُ الْغُرَرْ
مۆھتەرەم پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىسىگە
نۇرلۇق چىراغلارنىڭ ئەڭ گۈزىلى بولغان زاتقا
وَآلِهِ وَاصْحَابِهِ
وَالتَّابِعِينَ عَلَى الْأَثَرْ
ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ساھابىلىرىگە
ۋە ئۇلارنىڭ ئىزىدىن ماڭغان ئەگەشكۈچىلەرگە
مَا هَبَّتِ الـــنَّسَمَاتُ بِالْــــ
ــــعَرْفِ الْمُعَنْبَرِ في الْسَّحَرْ
تاكى سەھەرنىڭ خۇش پۇراق شاماللىرى
ئەنبەر پۇراقلىرى بىلەن ئەسكۈچە
يَا رَبَّنَا يَا رَبَّنَا
غِثْنَا بِقُرْبِ الـْمُصْطَفَى
ئى رەببىمىز، ئى رەببىمىز
مۇستافانىڭ يېقىنلىقى بىلەن بىزگە ياردەم بەرگىن
وَ ارْحَمْ إِلَهِي ضَعْفَنَا
بِٱلْمُصْطَفَىٰ خَيْرِ ٱلْبَشَرْ
ئى ئىلاھىم، ئاجىزلىقىمىزغا رەھىم قىلغىن
بەشەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇستافا بىلەن
أَوْ غَرَّدَتْ وُرْقُ الْحِمَى
فَوْقَ الْغُصُونِ مِنَ الْشَّجَرْ
ياكى ھەرەم كەپتەرلىرى سايراپ تۇرغۇچە
دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى ئۈستىدە