عَطْفَةً يَا جِيرَةَ ٱلْعَلَمِ
بىر ئىلتىپات، ئەي ئەلەم قوشنىلىرى.
Ug
عَطْفَةً يَا جِيرَةَ ٱلْعَلَمِ
يَا أُهَيْلَ ٱلْجُودِ وَٱلْكَرَمِ
بىر ئىلتىپات قىلغىن، ئەي ئۇلۇغ مەنزىل قوشنىلىرى
ئەي ساخاۋەت ۋە كەرەم ئەھلىلىرى
نَحْنُ جِيرَانٌ بِذَا ٱلْحَرَمِ
حَرَمِ ٱلْإِحْسَانِ وَٱلْحَسَنِ
بىز مۇشۇ مۇقەددەس ھەرەمنىڭ قوشنىلىرىدۇرمىز
ئېھسان ۋە گۈزەللىك ھەرىمىدۇر ئۇ
نَحْنُ مِنْ قَوْمٍ بِهِ سَكَنُوا
وَبِهِ مِنْ خَوْفِهِمْ أَمِنُوا
بىز شۇنداق بىر قەۋمدىنمىزكى، ئۇ يەردە ماكان تۇتقان
ۋە قورقۇنچلىرىدىن ئۇ يەردە ئامان تاپقان
وَبِآيَاتِ ٱلْقُرَانِ عُنُوا
فَٱتَّئِدْ فِينَا أَخَا ٱلْوَهَنِ
قۇرئان ئايەتلىرىگە كۆڭۈل قويغان قەۋمدۇرمىز
شۇڭا بىزگە مۇلايىم بولغىن، ئەي ئاجىزلىق بۇرادىرى
نَعْرِفُ الْبَطْحَا وَتَعْرِفُنَا
وَالصَّفَا وَالْبَيْتُ يَأْلَفُنَا
بەتھانى تونۇيمىز، ئۇمۇ بىزنى تونۇيدۇر
سافا ۋە بەيتۇللاھ بىزگە مأنۇستۇر
وَلَنَا الْمُعْلَا وَخَيْفُ مِنَى
فَاعْلَمَنْ هَذَا وَكُنْ وَكُنِ
مۇئەللاھ قەبرىستانلىقى ۋە مىنادىكى خەيف بىزنىڭدۇر
بۇنى جەزمەن بىلگىن ۋە شۇنداق ئېتىقاد قىلغىن
وَلَنَا خَيْرُ الْأَنَامِ أَبُ
وَعَلِيُّ الْمُرْتَضَى حَسَبُ
بىز ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئاتىدۇر
ۋە ئەلى ئەلمۇرتەزا بىزنىڭ ئېسىل نەسەبىمىزدۇر
وَإِلَى السِّبْطَيْنِ نَنْتَسِبُ
نَسَبًا مَا فِيهِ مِنْ دَخَنِ
ئىككى نەۋرىگە تۇتىشىدۇ نەسەبىمىز
ھېچقانداق غۇبارسىز پاك بىر نەسەبتۇر بۇ
كَمْ إِمَامٍ بَعْدَهُ خَلَفُوا
مِنْهُ سَادَاتٌ بِذَا عُرِفُوا
ئۇنىڭدىن كېيىن قانچىلىغان ئىماملار ئورۇن باستى
بۇنىڭ بىلەن تونۇلغان سەييىدلەردۇر ئۇلار
وَبِهَذَا الْوَصْفِ قَدْ وُصِفُوا
مِنْ قَدِيمِ الْدَّهْرِ وَالْزَّمَنِ
بۇ سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەندىلەر
قەدىمكى زامانلاردىن تاكى بۈگۈنگە قەدەر
مِثْلِ زَيْنِ الْعَابِدِينَ عَلِي
وَابْنِهِ الْبَاقِرِ خَيْرِ وَلِي
خۇددى ئەلى زەينۇل ئابىدىنغا ئوخشاش
ۋە ئۇنىڭ ئوغلى باقىر، ئەۋلىيالارنىڭ ئەڭ ياخشىسى
وَالْإِمَامِ الْصَّادِقِ الْحَفِلِ
وَعَلِيٍّ ذِي الْعُلَا الْيَقِنِ
ۋە ماختالغان سۈپەتلەر ئىگىسى ئىمام سادىق
ۋە ئالىي مەرتىبىلىك يەقىن ئىگىسى ئەلى
فَهُمُ الْقَوْمُ الَّذِينَ هُدُوْا
وَبِفَضْلِ اللهِ قَدْ سَعِدُوا
ئۇلار ھىدايەت تاپقان قەۋمدۇر
ئاللاھنىڭ پەزلى بىلەن سائادەتكە ئېرىشكەندۇر
وَلِغَيْرِ اللهِ مَا قَصَدُوا
وَمَعَ الْقُرْآنِ فِي قَرَنِ
ئاللاھتىن باشقىنى مەقسەت قىلمىدىلار
قۇرئان بىلەن ھەر دائىم بىرگە بولدىلار
أَهْلُ بَيْتِ الْمُصْطَفَى الْطُّهْرِ
هُمْ أَمَانُ الْأَرْضِ فَادَّكِرِ
مۇستاپانىڭ پاك ئەھلى بەيتىدۇر ئۇلار
ئۇلار زېمىننىڭ ئامانلىقىدۇر، بۇنى ئەستە تۇتقىن
شُبِّهُوا بِالْأَنْجُمِ الزُّهْرِ
مِثْلَ مَا قَدْ جَاءَ فِي الْسُّنَنِ
پارلاق يۇلتۇزلارغا ئوخشىتىلدى ئۇلار
خۇددى سۈننەتتە بايان قىلىنغىنىدەك
وسَفِنٌ لِلْنَّجَاةِ إِذَا
خِفْتَ مِنْ طُوفَانِ كُلِّ أَذَى
ئۇلار نىجاتلىق كېمىلىرىدۇر، ئەگەر
بارلىق ئەزىيەتلەرنىڭ تۇپانلىرىدىن قورقساڭ
فَانْجُ فِيهَا لَا تَكُونُ كَذَا
وَاعْتَصِمْ بِاللهِ وَاسْتَعِنِ
ئۇ كېمىدە نىجات تاپقىن، باشقىچە بولما
ئاللاھقا باغلانغىن ۋە ئۇنىڭدىن ياردەم سورىغىن
رَبِّ فَانْفَعْنَا بِبَرْكَتِهِمْ
وَاهْدِنَا الْحُسْنَى بِحُرْمَتِهِمْ
رەببىم، ئۇلارنىڭ بەرىكىتى بىلەن بىزگە مەنپەئەت بەرگىن
ئۇلارنىڭ ھۆرمىتى بىلەن بىزنى گۈزەللىككە ھىدايەت قىلغىن
وَأَمِتْنَا فِي طَرِيقَتِهِمْ
وَمُعَافَاةٍ مِنَ الْفِتَنِ
بىزنى ئۇلارنىڭ يولىدا ۋاپات قىلدۇرغىن
پىتنىلەردىن ئامان ۋە سالامەت قىلغان ھالدا
ثُمَّ لَا تَغْتَرَّ بِالْنَّسَبِ
لَا وَلَا تَقْنَعْ بِــكَانَ أَبِي
ئاندىن نەسەبىڭگە مەغرۇرلانمىغىن
"ئاتام مۇنداق ئىدى" دېيىش بىلەنلا قانائەت قىلمىغىن
وَاتَّبِعْ فِي الْهَدْيِ خَيْرَ نَبِي
أَحْمَدَ الْهَادِي إِلَى الْسُّنَنِ
بەلكى ھىدايەتتە پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىغا ئەگەش
سۈننەتكە باشلىغۇچى ھادى ئەھمەدكە
فَهُوَ خَتْمٌ لِلْنَّبِيِّينَا
وَإِمَامٌ لِلْمُطِيعِينَا
چۈنكى ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ خاتىمىدۇر
ۋە ئىتائەتمەنلەرنىڭ ئىمامىدۇر
وَلِساَنٌ لِلْمُجِيبِينَا
يَوْمَ نُودُوا خَيْرَ مُؤْتَمَنِ
بارلىق ئىجابەت قىلغۇچىلارنىڭ تىلىدۇر
قىيامەت كۈنى چاقىرىلغاندا ئەڭ ياخشى ھامىيدۇر
صَلَوَاتُ اللهِ ذِي الْكَرَمِ
تَتَغَشَّى الْمُصْطَفَى العَلَمِ
كەرەم ئىگىسى ئاللاھنىڭ سالاۋاتلىرى بولسۇن
تاللانغان ھىدايەت تۇغى مۇستاپانىڭ ئۈستىگە
مَا سَرَى رَكْبٌ إِلَى الْحَرَمِ
وَصَبَا صَبٌّ إِلَى سَكَنِ
تاكى كارۋانلار ھەرەمگە قاراپ يول يۈرگەچ
ۋە ئاشىقلار مەنزىلىگە تەشنا بولغىنىچە
وَعَلَى آلِ الْنَّبِيِّ الْكُرَمَا
وَعَلَى أَصْحَابِهِ الْعُلَمَا
شۇنداقلا پەيغەمبەرنىڭ كەرەملىك ئائىلىسىگە
ۋە ئۇنىڭ ئالىم ساھابىلىرىگە
وَعَلَى أَتْبَاعِهِ الْحُكَمَا
وَأُولِي الأَلْبَابِ وَالْفِطَنِ
ۋە ئۇنىڭ ھېكمەتلىك ئەگەشكۈچىلىرىگە
ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك ئۆتكۈر كىشىلەرگە