لِي فِي المَدِينَةِ أَحْبَابٌ إِذَا نَظَرُوا
I Have Beloveds In Medina; When They Gaze Upon Me
Ug
لِي فِي المَدِينَةِ أَحْبَابٌ إِذَا نَظَرُوا
إِلَيَّ وَلَّتْ هُمُومِي وَانْجَلَى الضَّرَرُ
مەدىنىدە شۇنداق سۆيۈملۈكلىرىم باركى، ئەگەر ماڭا بىر باقسا
غەم-قايغۇلىرىم كېتەر، كۈلپەت ۋە زىيانلار تارقىلار.
وَأَصْبَحَ القَلْبُ فِي أُنْسٍ وَفِي فَرَحٍ
جَمٍّ وَصَاحَبَنِي التَّوْفِيقُ وَالظَّفَرُ
قەلبىم بەخت ۋە چەكسىز شادلىق ئىچىدە قالار
مۇۋەپپەقىيەت ۋە زەپەر ماڭا ھەمراھ بولار.
يَا أَهْلَ طَيْبَةَ هَيَّا إِنَّنِي دَنِفٌ
وَإِنَّنِي لِلَّذِي أَمَّلْتُ مُنْتَظِرُ
ئەي مەدىنە ئەھلى، ئالدىرىغىن، مەن بىر ئىشق ئاغرىقىدۇرمەن
ئارزۇ قىلغانلىرىمنىڭ ئىنتىزارىدۇرمەن.
جَرَتْ عَوَائِدُكُمْ أَنَّ المُحِبَّ إِذَا
نَادَاكُمُ بِلِسَانِ الحُبِّ يَنْجَبِرُ
سىلەرنىڭ ئادىتىڭلار شۇكى، بىرەر ئاشىق ئەگەر
سىلەرنى مۇھەببەت تىلى بىلەن چاقىرسا، كۆڭلى شاپات تاپار.
وَالحُبُّ مِلْءُ جَنَانِي بَلْ تَجَسَّمَ فِي
شَخْصٍ عَلَى صُورَتِي إِنْ دَلَّتِ الصُّوَرُ
مۇھەببەت قەلبىمنى تولدۇردى، ھەتتا ئۇ مېنىڭ سىياقىمدا
بىر جىسىم بولۇپ گەۋدىلەندى، ئەگەر سۈرەتلەر دەلىل بولسا.
يَا سَيِّدَ الرُّسْلِ أَدْرِكْنِي فَمَا بَقِيَتْ
لِي حِيلةٌ غَيْرُ حُبٍّ مِنْكَ مُدَّخَرُ
ئەي ئەلچىلەرنىڭ سەردارى، ماڭا يېتىشكەن، چۈنكى مەندە
سېنىڭ ساقلانغان مۇھەببىتىڭدىن باشقا چارە قالمىدى.
لِلَّهِ مِيلادُكَ الغَالِي الذِي سَعِدَتْ
بِهِ البَسِيطَةُ وَانْجَابَتْ بِهِ الغِيَرُ
ئاللاھ ئۈچۈن سېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ شۇنچە قىملىقتۇركى، ئۇنىڭ بىلەن
پۈتۈن يەر يۈزى بەختكە چۆمدى ۋە كۈلپەتلەر يوقالدى.
يَوْمٌ بِهِ ضَاءَتِ الدُّنْيَا فَمَا طَلَعَتْ
شَمْسٌ عَلَى مِثْلِهِ فِيهَا وَلَا قَمَرُ
شۇنداق بىر كۈندۇركى، ئۇنىڭ بىلەن دۇنيا يورۇدى، ئۇنىڭدەك كۈنگە
بۇ ئالەمدە نە قۇياش چىقمىدى، نە ئاي چىقمىدى.
تَحِيَّةٌ لَكَ مِنْ قَلْبٍ مُعَطَّرَةٌ
يَزِيدُ عَرْفَ شَذَاهَا رَوْحُكَ العَطِرُ
ساڭا قەلبىمدىن خۇشپۇراق بىر سالام بولسۇنكى
ئۇنىڭ خۇش پۇرىقىنى سېنىڭ مۇبارەك روھىڭ تېخىمۇ ئاشۇرار.
وَقَائِلٍ لِيْ مَا تَشْتَاقُ قُلْتُ لَهُ
أَشْتَاقُ طَيْبَةَ شَوْقاً لَيْسَ يَنْحَصِرُ
ماڭا «نېمىگە تەشناسەن؟» دېگۈچىگە ئېيتتىمكى
«مەدىنىگە تەشنامەن، چېكى بولمىغان بىر سېغىنىش بىلەن.»
يَا قَائِدَ الجَوِّ أَنْزِلْنِي إِذَا لَمَعَتْ
لِعَيْنِكَ القُبَّةُ الخَضْرَاءُ وَالحُجَرُ
ئەي ئۇچقۇچى، ئەگەر كۆزۈڭگە يېشىل گۈمبەز
ۋە ھوجرىلار كۆرۈنسە، مېنى ئاشۇ يەرگە چۈشۈرگىن.
هُنَاكَ أَقْصِدُ شُبَّاكَ الرَّسُولِ لِكَي
أَسْتَغْفِرُ اللهَ حَيْثُ الذَّنْبُ يُغْتَفَرُ
ئۇ يەردە رەسۇلۇللاھنىڭ رېشاتكىسىغا يۈزلىنىمەنكى
گۇناھلار مەغپىرەت قىلىنىدىغان جايدا ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمەن.
عَلَيْكَ صَلَاةُ اللهِ مَا تُلِيَتْ
فِي حَفْلِ مِيلادِكَ الآياتُ والسُوَرُ
سېنىڭ مەۋلۇت سورۇنلىرىڭدا ئايەتلەر ۋە سۈرىلەر
تىلاۋەت قىلىنغانچە، ساڭا ئاللاھنىڭ دۇرۇت-سالاملىرى بولسۇن.
والآلِ والصَحْبِ وَالأَتْبَاعِ قَاطِبَةً
والغَوثِ والقطبِ والأحبَابِ إذْ حَضَرُوا
بارلىق ئال-ئەسھابلارغا، ئەگەشكۈچىلەرگە، غەۋس ۋە قۇتۇپلارغا
ھەم جەم بولغان بارچە سۆيۈملۈك دوستلارغا سالام بولسۇن.