يَا وَاهِبَ الْإِنْسَانِ أَسْبَابَ الْهُدَى
ئەي ئىنسانغا ھىدايەت سەۋەبلىرىنى ئاتا قىلغۇچى
Ug
يَا وَاهِبَ الْإِنْسَانِ أَسْبَابَ الْهُدَى
يَا مَنْ بِحَمْدِ الْعَالَمِينَ تَفَرَّدَا
ئەي ئىنسانغا ھىدايەت سەۋەبلىرىنى ئاتا قىلغۇچى،
ئەي پۈتكۈل ئالەملەرنىڭ ھەمدۇساناسى بىلەن يەككە بولغۇچى.
لِي عِنْدَ بَابِكَ يَا إِلَهِي دَعْوَةٌ
فِيهَا رَجَاءُ الْعُمْرِ جَاءَ مُجَسَّدَا
ئى ئىلاھىم، سېنىڭ دەرگاھىڭدا بىر ئۆتۈنۈچۈم بار،
ئۇنىڭدا بىر ئۆمۈرلۈك ئارزۇ-ئۈمىد گەۋدىلەنگەن.
أَنْتَ الَّذِي مَا خَابَ عِنْدَكَ سَائِلٌ
أَيَكُونُ بَابُكَ دُونَ سُؤْلِي مُؤْصَدَا
سەن شۇنداق زاتكى، سېنىڭ قېشىڭدا تىلىگۈچى ھەرگىز نائۈمىد بولماس،
مېنىڭ تىلىكىم ئۈچۈن دەرگاھىڭ يېپىق قالارمۇ؟
فَبِفَضْلِكَ اللَّهُمَّ عِشْتُ مُوَحِّدا
أَيُرَدُّ عِنْدَكَ مَنْ أَتَاكَ مُوَحِّدَا
ئى ئاللاھ، سېنىڭ پەزلىڭ بىلەن تەۋھىد ئەھلى بولۇپ ياشىدىم،
سېنىڭ ھۇزۇرۇڭغا تەۋھىد بىلەن كەلگەن كىشى قايتۇرۇلامدۇ؟
سُؤْلِي كَذَاتِكَ وَاحِدٌ فَبِحَقِّهَا
لَوْ لَحْظَةً دَعْنِي أُشَاهِدَ أَحْمَدَا
مېنىڭ تىلىكىم زاتىڭدەك يەككىدۇر، شۇ تەۋھىد ھەققى-ھۆرمىتى بىلەن،
مېنى بىر دەم بولسىمۇ ئەھمەدنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلغىن.