هَذَا الْمَقَامُ الَّذِي لَاذَتْ بِهِ الْأُمَمُ
بۇ، ئۈممەتلەر پاناھلانغان ماقامدۇر.
Ug
هَذَا الْمَقَامُ الَّذِي لَاذَتْ بِهِ الْأُمَمُ
وَأَذْعَنَتْ لِعُلَاهُ الْعُرْبُ وَالْعَجَمُ
بۇ شۇنداق بىر ماقامكى، پۈتۈن ئۈممەتلەر ئۇنىڭدىن پاناھ تىلىدى
ئەرەب ۋە ئەجەملەر ئۇنىڭ يۈكسەكلىكىگە بويسۇندى
هَذَا مَقَامُ رَسُولِ اللَّهْ أَكْرَمُ مَنْ
جَاءَتْهُ مِنْ رَبِّهِ الْأَحْكَامُ وَالْحِكَمُ
بۇ ئاللاھ ئەلچىسىنىڭ ماقامىدۇر، ئۇ شۇنداق كەرەملىك زاتكى
پەرۋەردىگارىدىن ئۇنىڭغا ھۆكۈملەر ۋە ھېكمەتلەر كەلدى
هَذَا مُحَمَّدُ الْهَادِي الَّذِي مُحِيَتْ
عَنَّا بِنُورِ هُدَاهُ الْظُّلْمُ وَ الْظُّلَمُ
بۇ ھىدايەتچى مۇھەممەدۇر، ئۇنىڭ ھىدايەت نۇرى بىلەن
بىزدىن بارلىق زۇلۇم ۋە قاراڭغۇلۇقلار يوقىتىلدى
هَذَا الَّذِي قَدْ سَمَا فَوْقَ الْسَّمَا
إِلَى مَقَامِ عِزٍّ تَنَاهَتْ دُونَهُ الْأُمَمُ
بۇ شۇنداق زاتكى، ئاسمانلارنىڭ ئۈستىگە يۈكسەلدى
باشقا ئۈممەتلەر يېتەلمەيدىغان بىر ئىززەت ماقامىغا
يَا سَيِّدِي يَا رَسُولَ اللَّهْ يَا أَمَلِي
يَا مَنْ أَلُوذُ بِهِ إِنْ زَلَّتِ الْقَدَمُ
ئەي غوجام، ئەي ئاللاھنىڭ ئەلچىسى، ئەي ئۈمۈدۈم
ئەي قەدەملىرىم تېيىلغاندا پاناھلىنىدىغان زاتىم
بِكَ اهْتَدَيْتُ إِلَى الْإِيمَانِ فَاتَّصَلَتْ
بِذَاكَ عِنْدِي مِنْ أَفْضَالِكَ الْنِّعَمُ
سىز ئارقىلىق ئىمانغا ھىدايەت تاپتىم، شۇ سەۋەبلىك
سىزنىڭ پەزىلەتلىرىڭىزدىن ماڭا نېمەتلەر ئۇلاشتى
صَلَّى عَلَيْكَ إِلَهُ الْخَلْقِ مَا سَجَعَتْ
وَرْقٌ وَمَا هَطَلَتْ مِنْ سُحْبِهَا دِيَمُ
مەخلۇقاتنىڭ ئىلاھى سىزگە دۇرۇت يوللىسۇن، تاكى كەپتەرلەر سايراپ
بۇلۇتلاردىن ئۈزلۈكسىز يامغۇرلار ياغقۇچە