طَابَ لِي خَلْعُ عِذَارِي
ياراشتى ماڭا ئارنى تاشلىماق
Ug
طَابَ لِي خَلْعُ عِذَارِي
فِي هَوَى الْبَدْرِ الْتَّمَامْ
تولۇن ئاي ئىشقىدا ئەدەپ پەردىسىنى يىرتماق ماڭا خوش ياقتى
پۈتۈن تولۇن ئايغا بولغان مەيلى-مۇھەببىتىمدە
بِافْتِقَارِي وَانْكِسَارِي
أَرْتَجِيْ نَيْلَ الْمَرَامْ
مىسكىنلىكىم ۋە سۇنۇق كۆڭلۈم بىلەن
مەقسەت-مۇرادىمغا يېتىشنى ئارزۇ قىلىمەن
يَا عَذُوْلِي لَا تَلُمْنِي
مَا عَلَى الْعَاشِقُ مَلَامْ
ئەي مېنى ئەيىبلىگۈچى، مېنى مالامەت قىلما
چۈنكى ئاشىققا ھېچقانداق مالامەت يوقتۇر
اُدْنُ مِنِّي وَارْوِ عَنِّيْ
أَنَا فِي الْعِشْقِ إِمَامْ
ماڭا يېقىنلاش ۋە مەندىن ھېكايە سۆزلە
چۈنكى مەن ئىشق ئىلمىدە بىر پېشۋادۇرمەن
خَمْرَةُ الْأَحْبَابِ تُجْلَ
هِيَ حِلٌّ لَا حَرَامْ
سۆيۈملۈك دوستلارنىڭ شارابى سۇنۇلدى
ئۇ ھالالدۇر، ھەرگىزمۇ ھارام ئەمەس
مِنْ عُيُونِ الْعِيْنِ تُمْلَى
صَانَهَا الْبَرُّ الْسَّلَامْ
ئۇ كۆز بۇلاقلىرىدىن لىق تولدۇرۇلار
ئۇنى مەرھەمەتلىك ۋە تىنچلىق بەرگۈچى ساقلىغاندۇر
يَا أَخَا الْأَشْوَاقِ يَمِّمْ
سَيِّدَ الْرُّسْلِ الْكِرَامْ
ئەي ئىشتىياق ئەھلى، يۈزۈڭنى بۇرۇغىن
ئۇلۇغ پەيغەمبەرلەرنىڭ سەردارى تەرەپكە
وَاغْنَمِ الْذِّكْرَ وَزَمْزِمْ
بِصَلَاةٍ مَعْ سَلَامْ
زىكىرنى غەنىيمەت بىل ۋە تەرەننۇم ئەت
دۇرۇت ۋە سالاملارنى ئېيتىپ
لِحَبِيْبِ الله أَحْمَدْ
كُلَّمَا جَنَّ الْظَّلَامْ
ئاللاھنىڭ ھەبىبى ئەھمەدكە بولسۇن
قاچانكى كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى چۆككەندە
كُلُّ مَنْ وَالَاهُ يَسْعَدْ
وَيَنَالْ حُسْنَ الْخِتَامْ
كىمدەكىم ئۇنى سۆيسە بەختكە ئېرىشۇر
ھەم گۈزەل بىر ئاقىبەتكە مۇيەسسەر بولۇر