صَلَّى عَلَيْكَ اللَّهُ يَا عَدْنَانِ
ئاللاھ ساڭا دۇرۇت ئېيتسۇن، ئى ئادنان
Ug
صَلَّى عَلَيْكَ اللَّهُ يَا عَدْنَانِ
يَا مُصْطَفَى يَا صَفْوَةَ الْرَّحْمَٰنِ
ئاللاھنىڭ سالام-دۇرۇتلىرى بولسۇن ساڭا ئەي ئادنان ئەۋلادى
ئەي مۇستاپا، ئەي رەھماننىڭ تاللانغان سۆيۈملۈك قۇلى
الْحَمْدُ لِلَّهِ الَّذِي أَعْطَانِي
هَذَا الْغُلَامَ الْطَّيِّبَ الْأَرْدَانِ
جىمى ھەمدۇسانا ماڭا ئاتا قىلغان ئاللاھقا بولسۇن
بۇ پاك-پاكىز، خۇشبۇي خىسلەتلىك ئوغلاننى
قَدْ سَادَ فِي الْمَهْدِ عَلَى الْغِلْمَانِ
أُعِيذُهُ بِالْبَيْتِ ذِي الْأَرْكَانِ
تېخى بۆشۈكتە تۇرۇپلا ئۈستۈن بولدى بارلىق ئوغۇللاردىن
ئۇنى پۇختە تۈۋرۈكلۈك بەيتۇللاھ بىلەن پاناھىڭغا تاپشۇرىمەن
حَتَّى أَرَاهُ بَالِغَ الْبُنْيَانِ
أَنْتَ الَّذِي سُمِّيتَ فِي الْقُرْآنِ
تاكى كۆرگۈچە ئۇنىڭ قەددى-قامىتى يېتىلگەنلىكىنى
سەن شۇنداق زاتسەنكى، قۇرئان كەرىمدە ئىسمىڭ ئاتالغان
أَحْمَدُ مَكْتُوبٌ عَلَى الْجِنَانِ
صَلَّى عَلَيْكَ اللَّهُ فِي الْأَحْيَانْ
جەننەت دەرۋازىلىرىغا يېزىلغاندۇر «ئەھمەد» دەپ
ئاللاھ ساڭا ھەر زامان دۇرۇتلار يوللىغاي
أَحْمَدُهُ فِي الْسِّرِّ وَالْإِعَلْأَنِ
حَقًّا عَلَى الْإِسْلَامِ وَالْإِيمَانِ
مەن ئاللاھقا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن مەخپىي ھەم ئاشكارە
ئىسلام ۋە ئىماننىڭ ھەق-راستلىقى بىلەن
يَا رَبَّنَا بِالْمُصْطَفَى الْعَدْنَانِ
اغْفِرْ ذُنُوبِي ثُمَّ أَصْلِحْ شَأْنِي
ئى رەببىمىز، ئادنان نەسىللىك مۇستاپا ھۆرمىتىدىن
گۇناھلىرىمنى مەغپىرەت قىل، ئەھۋالىمنى ئىسلاھ قىلغىن