لِغَيْرِ جَمَالِكُمْ نَظَرِي حَرَامُ
جامالىڭىزدىن باشقىسىغا نەزىرىم ھارامدۇر.
Ug
لِغَيْرِ جَمَالِكُمْ نَظَرِي حَرَامُ
وَغَيْرُ كَلَامُكُمْ عِنْدِي كِلَامُ
جامالىڭىزدىن باشقىغا نەزەر سېلىش ماڭا ھارامدۇر
سۆزىڭىزدىن غەيرىي سۆزلەر مەن ئۈچۈن قۇرۇق سۆزدۇر
وَعُمْرُ الْنَّسْرِ مِنْكُمْ بَعْضُ يَوْمٍ
وَسَاعَةُ غَيْرِكُمْ عَامٌ فَعَامُ
سىزنىڭ يېنىڭىزدا بۈركۈتنىڭ ئۆمرى بىر كۈننىڭ بىر قىسمىدەكتۇر
سىزسىز ئۆتكەن بىر سائەت بولسا يىللارغا باراۋەردۇر
وَصَبْرِي عَنْكُمُ شَيْءٌ مُحَالٌ
وَمَا لِي قَاتِلٌ إِلَّا الْفِطَامُ
سىزدىن ئايرىلىپ سەبىر قىلماق مەن ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەستۇر
سۆيگۈدىن ئايرىلىشتىن باشقا مېنى ئۆلتۈرگۈچى يوقتۇر
إِذَا عَايَنْتُكُمْ زَالَتْ هُمُومِيْ
وَإِنْ غِبْتُمْ دَنَا مِنِّيْ الْحِمَامُ
سىزنى كۆرگەن ھامان پۈتۈن غەم-قايغۇلىرىم تارقىلۇر
ئەگەر سىز كۆزدىن غايىب بولسىڭىز ئەجەل ماڭا يېقىنلىشار
أَوَدُّ بِأَنْ أَكُونَ لَكُمْ جَلِيسًا
وَتُنْصَبَ لِي بِرَبْعِكُمُ خِيَامُ
سىز بىلەن ھەمدەم بولۇشنى چىن دىلىمدىن ئارزۇ قىلىمەن
مەن ئۈچۈن ماكانىڭىزدا چېدىرلار تىكىلىشىنى خالايمەن
فَدَاوُوا بِالْوِصَالِ مَرِيضَ هَجْرٍ
يَهِيمُ بِكُمْ إِذَا سَجَعَ الْحَمَامُ
ھىجران كېسىلىگە مۇبتالا بولغاننى ۋىسال بىلەن داۋالاڭ
كەپتەرلەر نالە قىلغاندا سىزنىڭ ئىشقىڭىزدا تەلپۈنەر
حَدِيثُ غَرَامِهِ فِيكُمْ قَدِيمٌ
وَمَلْبَسُهُ مِنَ الْحُبِّ الْسِّقَامُ
سىزگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت قىسسىسى ئىنتايىن قەدىمىيدۇر
سۆيگۈ دەستىدىن كىيگەن لىباسى پەقەت زەئىپلىك-كېسەللىكتۇر
فَأَنْتُمْ فِي الْأُصُولِ أَجَلُّ أَصْلٍ
إِذَا شِئْتُمْ تَحَصَّلَ لِي الْمَرَامُ
سىلەر ئەسلى-زاتتا ئەڭ ئۇلۇغ ۋە كاتتا ئەسىلدۇرسىلەر
ئەگەر سىلەر خالىساڭلار بارلىق مەقسەت-مۇرادىم ھاسىل بولۇر
بِكُمْ صَعْبُ الْأُمُورِ يَعُودُ سَهْلًا
فَبِالْإِحْسَانِ جُودُوا يَا كِرَامُ
سىلەر سەۋەبلىك ئەڭ مۈشكۈل ئىشلارمۇ ئاسانلىققا ئايلىنۇر
ئەي ئالىيجانابلار، ئېھسان بىلەن سېخىيلىق كۆرسىتىڭلار
وَلَيْسَ سِوَاكُمُ لِلْجُودِ أَهْلًا
فَكَيْفَ نَزِيلُ سُوحِكُمُ يُضَامُ
سىلەردىن باشقا جومەردلىككە لايىق ھېچكىم يوقتۇر
سىلەرنىڭ ھۇزۇرۇڭلارغا كەلگەن مېھمان قانداقمۇ خارلىق كۆرۈر؟